Chinese→UyghurMain Dictionary
毛鄂动物
بىئولوگىيە
تۈك تاڭلايلىق ھايۋانلار
ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بىر كىچىك تىپ. بۇ تىپتىكى ھايۋانلرنىڭ باش قىسمىنىڭ ئىككى يېنىدا ئوزۇق تۇتۇش ئاپپاراتى بولغان تاڭلاي تۈكلىرى بولۇپ، تاڭلاي رولىنى ئوينىغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر سانتىمېتىر، ھايات ۋاقتىدا بەدىنى سۈزۈك، ئىككى يېنى سىممېترىك، بىر جۈپ ياكى ئىككى جۈپ تۈز يۆنىلىشتىكى يان پالاقچىسى ھەم بىر قۇيرۇق پالاقچىسى بار. تەرەققىي قىلغان ھەم بۆلۈمچىلەرگە بۆلۈنگەن بەدەن بوشلۇقى بولىدۇ. قان ئايلىنىش سىتېمىسى، نەپەسلىنىش ئاپپاراتى ھەم چىقىرىۋېتىش ئاپپاراتلىرى بولمايدۇ. ئۇلار دېڭىز - ئوكيانلارغا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى 2 - 30 سىلتسىيە گرادۇس ئەتراپىغىچە بولغان دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ سۇ يۈزىدىن تارتىپ 3000 - 4000 مېتىرغىچە بولغان چوڭقۇر جايلىرىنىڭ ھەممىسىدىن تېپىلىدۇ. ئۇلار دېڭىز - ئوكيانلاردىكى لەيلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا بەزى ئىقتىسادىي بېلىقلارنىڭ يېمى ھېسابلىنىدۇ.