Uyghur←ChineseMain Dictionary
مانۇئېل
دۇنيا تارىخى
曼努埃尔二世
màn nǔ āi ěr èr shì
(1350 - 1425) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1391 - 1425). تەختكە چىققان چاغدا، ۋىزانتىيىنىڭ ئەسلى تېررىتورىيىسىنىڭ كۆپ قىسمى تۈركلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىپ بولۇنغان بولۇپ، پەقەت كونستانتىنوپول، سىسالونىكا ۋە پروپنىسا يېرىم ئارىلىلا قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1396-يىلى 9-ئايدا، فرانسۇزلار، گېرمانلار ۋە ۋېنگرلاردىن تەكشىللەنگەن ياردەمچى قوشۇن نىكوپول جېڭىدە تۈركلەردىن يېڭىلىپ قالغان. 1402-يىلى 7-ئايدا تىمۇر لەشكەر تارتىپ ئەنقەرە جېڭىدە تۈركلەرنى قاتتىق مەغلۇبىيەتە ئۇچراتقاندىن كېيىن، ۋىزانتىيىنىڭ خەۋپلىك ۋەزىيىتى بىر مەزگىل بوشاشقان. 1422-يىلى تۈركلەر قايتىدىن ھۇجۇم قوزغىغان. 1423-يىلى، مانۇئېل سىسالونىكانى ۋېنېتسىيىلىكلەرگە سېتىۋەتكەن. 1425-يىلى تەختنى تاشلاپ موناستىرغا كىرىپ كەتكەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
曼努埃尔
màn nǔ āi ěr
دۇنيا تارىخى
曼努埃尔一世
màn nǔ āi ěr yí shì
(1) مانۇئېل Ⅰ (كومىنېن تەخمىنەن 1120 - 1180) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1143 - 1180). ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، غەربىي ياۋروپانىڭ ئىكىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلغان رىتسارلىرىنىڭ ۋىزانتىيە زېمىنىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغان. ۋىزانتىيىنىڭ ئىتالىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 1147 - 1154-يىللىرى سىتسىلىيە كورۇلى روگېر Ⅱ بىلەن بىرلىشىپ ئانكونا (ئوتتۇرا ئىتالىيىنىڭ ئادرىياتىك دېڭىز بويىدا) نى ئىشغال قىلغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي سىتسلىيە كورۇلى ۋىللىيام Ⅰ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، 1158-يىلى ئىشغال قىلىۋالغان يەرلەرنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. كېيىن يەنە پاپا ۋە لومباردىيە ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرخ Ⅰ (قىزىلساقل) گە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قوللىغان. يەنە ۋېنىگرىيىگە لەشكەر تارتىپ، ئۇنى بىر مەزگىل بويسۇنۇشقا مەجبۇر قىلغان ھەمدە سىربىيىلىكلەرنىڭ ۋىزانتىيىگە بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى بېكىتكەن. ۋېنېتسىيىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، 1169- ۋە 1170-يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا رىنايا ۋە بىسا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1176-يىلى 9-ئايداميرىئوكېفلون (كىچىك ئاىسيانىڭ غەربىگە جايلاشقان) جېڭىدە، سالجۇق تۈركلىرىدىن يېڭىلگەن. (2) (1469 - 1521)، پورتۇگالىيە ئاۋىس سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1495 - 1521). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە داگامانى ئەۋەتىپ، 1498-يىلى ھىندىستانغا ئۇدۇل بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئاچقان. ئاندىن كېيىن كابرال، ئالمېدا ۋە ئالبوچېرچې قاتارلىقلارنى شەرققە ئەۋەتىپ، ھىندىستانغا ئۇدۇل بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئاچقان. ئاندىن كېيىن كابرال، ئالمېدا ۋە ئالبوچېرچې قاتارلىقلارنى شەرققە ئەۋەتىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى، پېرسىيە قولتۇقىنىڭ ئېغىزى ھەم مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا مۇستەملىكە تايانچ بازىلىرىنى قۇرۇپ، شەرقنىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى ۋە ئالتۇن، تاۋر - دۇردۇنلىرى قاتارلىقلارنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. مانوئېل دۆلەت ئىچىدە دىنىي تەلۋىلىكىنى قۇترىتىپ، ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىيلەرنى كۆپلەپ قوغلاپ چىقارغان.