Chinese→UyghurMain Dictionary
曼涅托
دۇنيا تارىخى
مانېتو
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ بېشىغىچە). قەدىمكى مىسىرلىق تارىخشۇناس. پتولېمى Ⅰ دەۋرىدىكى كاھىن. نىل دەرياسىنىڭ دېلتىسىدىكى سېبېننىتۇس دېگەن جايدا تۇغۇلغان. يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان، دۆلەت ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ كۆپلىگەن ئارخىپلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. گرېتسىيە يېزىقىدا ئۈچ توملۇق <مىسىر تارىخى> دېگەن ئەسەرنى يازغان بولسىمۇ، ھازىر پەقەت فلاۋى جوسېف (تەخمىنەن 97 - 37) قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىلا پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئۇ مىسىرنىڭ قەدىمكى تارىخىنى قەدىمكى سۇلالە، ئوتتۇرا سۇلالە ۋە يېڭى سۇلالىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋر، ئوتتۇز بىر سۇلالىگە بۆلگەن ھەمدە ھەرقايسى سۇلالىلەر فىرئەۋىنلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە قىسقىچە تارىخىنى يىل تەرتىپ بويىچە قوشۇمچە قىلغان. بۇنداق دەۋرلەرگە بۆلۈش ئۇسۇلى، بولۇپمۇ ئۆتكەن دەۋرلەردىكى سۇلالىلەرنى ئايرىش يەنىلا يېقىنقى زامان مىسىرشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئاساسەن قوللىنىلماقتا.
دىن
màn niè tuō
基
خىرىستيان دىنى
مانېتو