Chinese→UyghurMain Dictionary
满剌加国
دۇنيا تارىخى
مالاككا
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى فېئودال پادىشاھلىق (1403 - 1511). پارامېسۋارا قۇرغان. دەسلەپتە زېمىنى مالاككارايوندىنلا ئىبارەت. ⅤⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، دۆلەت كۈچى زورىيىپ، مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي رايونىنىڭ زور قىسمىنى ۋە سوماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. پادىشاھى مۇزەففەر شاھ تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1446 - 1459) دەسلەپ سۇلتان دەپ ئاتالغان. مالاككا شەرق بىلەن غەرب دېڭىز سودىسىنىڭ مۇھىم يولىغا جايلاشقانلىقتىن سودا راۋاج تاپقان. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە ئۆزئەتراپىدىكى رايونلارغا ئىسلام دىنىنى تارقاتقان. ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت خارابلاشقان. 1511-يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى مالاككانى بېسىۋالغان. سۇلتان مامۇت جۇھۇر رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ جۇھۇر بەگلىكىنى قۇرۇپ، دۈشمەنگە قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلغان. مالاككا جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلىغان. پادىشاھ پارامېسۋارا، سىرى ماخاراجا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭەودا زىيارەتتە بولغان. جۇڭگولۇق دېڭىزچى جېڭ خې ۋە باشقا ئەلچىلىرىمۇ مەزكۇر دۆلەتكە كۆپ قېتىم بارغان.