Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماندارىن ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
柑橘战争
gān jú zhàn zhēng
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇش. ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى گودوئى خانىكىگە جەڭ مەيدانىدىن ئەكەلگەن ماندارىننى سوۋغا قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1801-يىلنىڭ باشلىرى ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيە شەرتنامە تۈزۈپ، ئىسپانىيە پورتۇگالىيىگە ئەنگلىيە ئىتتىپاقى قانۇنىدىن يۈز ئۆرۈش تەلىپىنى قويۇشقا مەسئۇل بولغان، پورتۇگالىيە ئىسپانىيىنىڭ ئۇلتىماتۇمىنى رەت قىلغانلىقتىن، ئىسپانىيە 5-ئاينىڭ 20-كۈنى فرانسىيىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا پورتۇگالىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان، پورتۇگالىيە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئولىۋېنزانى ئىسپانىيىگە بۆلۈپ بەرگەن ۋە ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن. فرانسىيە بىلەنمۇ شەرتنامە تۈزۈپ مۇستەملىكە گۋىنېيىنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىپ، 250 مىليون فرانك تۆلىگەن ھەمدە تەڭسىز سودا كېلىشىمى تۈزگەن.