Uyghur←ChineseMain Dictionary
مامىيارىنزم
دۇنيا تارىخى
间宫林藏
jiān gōng lín cáng
(1780 - 1844) ياپونىيە ئېدونىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئۆتكەن چارلاش - ئۆلچەش خادىمى. ئىسمى تومومۇنى. خىتاچى بەەلىكى (ئىباراگى ناھىيىسى) دىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1800-يىلدىن باشلاپ ئاينو رايونى (ھازىرقى خوككايدۇ) دا ئۆلچەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1808-يىلى ماتسۇدا دېنجۇرو (1769 - ؟) نىڭ بۇيرۇقى بىلەن ساخالىندا چارلاش تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزى قايتا بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئىككىنچى يىلى ساخالىننىڭ ئاراللىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان؛ ئۇ يەنە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ جۇڭگو چىڭ سۇلالىسىگە ئولپان تاپشۇرۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقان كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنى بويلاپ مېڭىپ دېلئىنغا يېتىپ كەلگەن. ياپونىيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، <شەرقىي تاتارىيىگە ساياھەت>، <شىمالىي ئاينونى گرااىكلىق چۈشەندۈرۈش> قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىققان. <شەرقىي تاتارىيىگە ساياھەت> دېگەن كىتابىدا خاتىرىلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى ئاللىبۇرۇنلا ساخالىن ئارىلىغا بارغانىكەن.