Uyghur←ChineseMain Dictionary
مالولوس ئاساسىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
马洛洛宪法
mǎ luò luò xiàn fǎ
تولۇق نامى <فىلىپپىن جۇمھۇرىيتىى سىياسىي قانۇنى>. فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى بولۇپ مالولوس يىغىنىدا ماقۇللانغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1898-يىلى 9-ئايدا، بولاگان ئۆلكىسىنىڭ مالولوس بازىرىدا ئىنقىلابىي پارلامېنت چاقىرىلىپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى چەكلەيدىغان، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى قۇرىدىغان، بۇرژۇئازىيىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۈچ ھوقۇق ئايرىۋېتىلگەن ئاساسىي قانۇن لايىھىسى تۈزۈپ چىقىلغان. شۇ يىلى 11-ئايدا پارلامېنتتا ماقۇللانغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا، ئاگۇينالدو ئاساسىي قانۇننى رەسمىي ئېلان قىلىپ، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جكارلىغان. ئۇ بىرقەدەر دېموكراتىك بولغان بۇرژۇئا ئاساسىي قانۇنى بولۇپ، بۇ قېتىمقى بۇردۇئا مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن.