UyghurMain Dictionary
مال مۈلۈك ھامىيلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بالاغەتكە يەتمىگەنلەرنىڭ، يېتىملارنىڭ مال - مۈلكىگە ھامىيلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسىدە ھامىيلىق قىلىشنى دادا، بوۋا ياكى ۋەسىيەنى ئىجرا قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى مەھكىمە شەرئى بەلگىلەيدۇ. ھامىيلىق قىلىنغۇچىنىڭ تۇراقسىز مۈلكىنى تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سېتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. تۇرمۇشنىڭ قىستىشى ياكى قەرز قايتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولمىسا، مۇقىم مۈلكىنى خالىغانچە سېتىۋېتىشكە، بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. بەلكى ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدىشى، يەۋالماسلىقى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ھامىيلىق قىلغۇچىدا ھامىيلىق قىلىش مەجبۇرىيىتىلا بولىدۇ، مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.