UyghurMain Dictionary
مالىك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىگە، ساھىب، خوجايىن.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىگە، خوجە، ئەپەندى، زېمىندار، ساھىب؛ بۇ كىتابنىڭ مالىكى پالانچىدۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىگىدارلىق قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى.
ئاش ئىگىسى بىلەن تاتلىق. ئىگىسى رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتار. مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام. ئىگىسىدىن ئايرىلسا ئىتمۇ يىغلار. بۇ ئىشقا مەن ئىگە. تىرىشچانلىق ۋاقىتنىڭ خوجىسى. پۇلنىڭ قۇلى بولما، خوجايىنى بول.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى«ھوقۇق تۇتقۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىدا دوزاخقا مۇئەككىل پەرىشتە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە قەيت قىلىنىشىچە، «دوزاخ ئوتىدا ئازابلىنىۋاتقانلار ئۇنىڭغا : <ئى مالىك ! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن> دەپ توۋلايدۇ. مالىك : <سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر> دەيدۇ» (43 - سۈرىنىڭ 77 - ئايىتى). ئۇلار ئۆلىمەن دەپمۇ ئۆلەلمەيدۇ. ئازابتىن ھەم قۇتۇلالمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزىت. ئىگە.
شۇنچە ئىشلەپ، يىل بويى قوي بېقىپ بىر قوزىغا مالىك بولالمىغان ئىش تالاي قېتىم بولغان.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مالدار، خۇجايىن، ھاكىم
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
پادىشاھ؛ شاھ. ھاكىم. يەنە ساغلام چوڭ بولۇپ ئابرويلۇق، دۆلەتمەن بولسۇن، دېگەن مەنىدە.