Chinese→UyghurMain Dictionary
玛丽亚.达.丰特起义
دۇنيا تارىخى
مارىيە دافونت قوزغىلىڭى
1846 - 1847-يىللىرى پورتۇگالىيىدە يۈز بەرگەن دېھقانلار قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىسى مارىيە دافونت دېيىلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ قوزغىلاڭغا ھۆكۈمەتنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش تەدبىرى (مەسىلەن، چېركاۋ قەبرىستانلىقىغا جەسەت قويۇشنى مەنئى قىلىش) سەۋەب بولغان. قوزغىلاڭ 1846-يىلى 2-ئايدا دەسلەپ شىمالىي قىسىمدا پارتلاپ، كېيىنرەك تېرلىك بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى تارىتۋېلىپ، ھۇنتا ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلغان. 1847-يىلى 6-ئايدا پورتۇگالىيە قوشۇنى بىلەن ئىسپانىيە، ئەنگلىيەفرانسىيە مۇداخىلىچىلىرىنىڭ بىرلىشىپ باستۇرۇشى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان.