UyghurMain Dictionary
مالاتېستا
دۇنيا تارىخى
(1853 - 1932) ئىتالىيە ئانارخىزىم ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. 1872-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئىتالىيە ياچېيكىسىغا قاتناشقان.باكونىننىڭ مەزھەپچىلىك پائالىيىتىگە قاتناشقان، كېيىن ئانارخىزمنىڭ پائال تەرغىباتچىسى بولۇپ قالغان. 1874-يىلى ۋە 1877-يىلى ئاپولىيە ۋە بېنېۋېنتودا ئانارخىستلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق توپىلىڭىغا پائال قاتناشقان. 1914-يىلى ئانكونا ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە رەبھەرلىك قىلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <ئىجتىمائىي مەسىلە> (1883 - 1884)، <ئىرادە> (1913 - 1914)، <يېڭى ئىنسانپەرۋەرلىك> (1920) قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللارنى چىقارغان ۋە تەھرىرلىگەن. كۆپ قېتىم تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا فاشىستلارنىڭ نەزەربەنتىدە بولغان.