Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماكرىئانىس
Domain: دۇنيا تارىخى马克里扬尼斯
mǎ kè lǐ yáng ní sī
(1784 -1864) گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەربابى. 1821 - 1829-يىللاردىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ ئىشتىراكچىسى. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1821 - 1822-يىلللىرى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئىمپىروس ۋە شەرقىي گرېتسىيىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1825-يىلى مىسىرلىق ئىبراھىم پاشا 1789 - 1848( قوشۇنىنىڭ پېلوپوننېسوسقا تاجاۋۇز قىىشىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. روسىيەپەرەس كاپودىسترىيە زۇرڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن مۇھىم مەمۇرىي ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. ئوتخو خاندانلىقى مەزگىلىدە ئۆكتىچىلەرگە قاتناشقان، ئوتخونىڭ زالىملىقىغا قارشى تۇرغان. ۋەكىللەر پارلامېنتى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قامالغان. ئۇنىڭ تەشۋىقات - تەرغىباتى ۋە پائالىيىتى تۈپەيلىدىن، 1843-يىلى 9-ئايدىكى قوزغىلاڭ پارتلاپ، پادىشاھنىتولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەر كېڭىشىنىڭ بارلىققاكېلىشىگە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1849-يىلى مەخپىيتەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوتخونىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1851-يىلى مەخپىي پىلانى ئاكشارىلىنىپ قېلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈمە قىلىنغان. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ نارازىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنمىغان. ئۆلگەندىن كېيىن نەشر قىلىنغان ئەسلىمىسى ھازىرقى زامان گرېتسىيە تارىخىي ھۆججەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.