Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماكىنونوبۇ
Domain: دۇنيا تارىخى牧野伸显
mù yě shēn xiǎn
(1861 - 1949) ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1925 - 1935). ساتسۇما ۋاسسالىدا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان، 1880-يىلى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە كىرىپ، ئىتالىيە ۋە ئاۋسترىيىدە تۇرۇشلۇق ئەچلى بولغان. 1906 - 1908-يىللىرى سايئونجى ئىچكى كابىنېتىنىڭ مۈلكىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1911 - 1912-يىللىرى ئىككىنچى نۆۋەتلىك سايئونجى ئىچكى كابىنېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك، سودا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان ھەمدە مۈلكىي ئىشلار ۋەزىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 1913 - 1914-يىللىرى ياماموتو ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919-يىلى تولۇق ھوقۇقلۇق رەسمىي ۋەكىل سايئونجى كىمىموچىنىڭ قول ئاستىدا تولۇق ھوقۇقۇق مۇئاۋىن ۋەكىل بولۇپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1921 - 1925-يىللىرى ئوردا ۋەزىرى بولغان، كېيىن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئاقساقاللار ۋە مۇھىم ۋەزىرلەر كۈچىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، كۆپ قېتىم ھەربىي شتاب ۋە ئوڭ قاناتلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغان ھەم سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان نىشانى بولۇپ قالغان. 26-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن خىزمىتىدىن چېكىنگەن. <ئەدلىمە> دېگەن ئەسىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.