Chinese→UyghurMain Dictionary
玛克斯.巴登亲王
دۇنيا تارىخى
شاھزادە ماكىس بادېن
(1867 - 1929) گېرمان ئىمپېرىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى (1918)، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە، ئىنقىلاب پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گېرمانىيەنىڭ تالان - تاراج قىلىش سىياسىتىنى مۇۋاپىق چەكلەش ۋە قىسمەن ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا ئۇ، <لېبراللار تەرەپدارى> دەپ قارالغان. گېرمان ئىمپېرىيسى گۇمران بولۇش ھارپىسىدا، 1918 - يىلى 10 - ئايدا گېرمانىيە ئىمپېراتورى ۋىلھېلىم Ⅱ ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، <پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت> تەشكىل قىلغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە خوخېنسوللېرن خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، مەملىكەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان.شۇ يىلى 11 - ئايدا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. توختامنامىغا تېخى ئىمزا قويۇلماستىن بۇ خاندانلىق ئىنقىلاب تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.