Chinese→UyghurMain Dictionary
马可尼
دۇنيا تارىخى
ماركونى
(1874 - 1937) ئىتالىيىلىك ئېلېكتر ئىنژېنېرى ۋە كەشپىياتچىسى. پولونيادا تۇغۇلغان، داشۆدە رەسمىي ئوقۇمىغان. 1894-يىلى گېرمانىيىلىك فىزىك خېسىنىڭ تەجرىبىسىدىن خەۋەر تاپقان. ئىككىنچى يىلى پولونيادا تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتا ئۇزۇن دولقۇنلۇق راىئو ئالاقىسىنى تەجرىبە قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ياردەمگە ئىگە بولالمىغان. 1896-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ، 4.14 كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتا ئالاقە سىنىقى ئېلىپ بېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە پاتېنتقا ئىگە بولغان. 1897-يىلى ئەنگلىيە - فرانسىيىنىڭ دېڭىز بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان رادىئو ئالاقىسىنى ئورناتقان، 1901-يىلى 12-ئايدا، ئەنگلىيە بىلەن نېۋفوندلاند ئوتتۇرىسىدا ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتىدىغان رادىئو ئالاقىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش باسقۇچىغا يەتكۈزگەن. 1901-يىلى براۋئىن بىلەن بىرلىكتە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنە قىسقا دولقۇن ۋە ئۇلترا قىسقادولقۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1918-يىلى ئاقساقاللار پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1912-يىلى يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتر دولقۇنىنى تاپقان <رېزونانس رادىئو> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ئۇنىۋېرسال
mǎ kě ní
ماركونى