Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماكاروۋ
Domain: دۇنيا تارىخى马卡罗夫
mǎ kǎ luó fū
(1848 - 1904) روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېيتېنانتى، ئالىم، ماتروسنىڭ ئوغلى، دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. تىنچ ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكيانغا كۆپ قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. دۇنيا بويىچە قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان تۇنجى مۇز يارغۇچى پاراخوت <يېرماك> نى لايىھىلەپ چىققان ۋە ئۇنى ياساشقا رەھبەرلىك قىلغان. بالتىق فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1877 - 1878-يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، تۈركىيە قوشۇنىغا بىرىنچى بولۇپ سۇ مىناسى ئورنىتىلغان پاراخوت بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى (1904 - 1905) داۋامىدا تىنچ ئوكيان فلوتىغا قوماندانلىق قىلغان. 1904-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆزى چۈشكەن <پېترو ياۋلوۋىسكى> ناملىق فىلاگمان پاراخوت لۈيشۇن پورتىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا تۇرپىدا تېگىپ پارتلاپ كەتكەنلىكتىن ئۆلگەن.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى马卡罗夫
mǎ kǎ luó fū
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.