UyghurMain Dictionary
ماكارى
دۇنيا تارىخى
(1762 - 1824) ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋالېسىنىڭ باش ۋالىيسى (1809 - 1812). ئەنگلىيىنىڭ ھېبرىد تاقىم ئاراللىرىدا تۇغۇلغان. 1776-يىلى پىدائىي ئەسكەر بولۇپ كاناداغا بارغان. كېيىن ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ھىندىستان، مىسىر ۋە ياۋروپالاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1809-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاۋسترالىيىگە كېلىپ، يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئامانلىقىنى ساقلاش ئەترىتىنى بىر تەرەپ قىلغان، باش ۋالىي بىلىگ (1754 - 1817) نى ئەمىلىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باش ۋالىي بولغان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، يول ياساتقان، مەكتەپ ئېچىپ دوختۇرخانا سالدۇرغان، شەھەر بازارلارنى راۋاجلاندۇرغان؛ يەر سوۋغا قىلىشنى بىكار قىلغان؛ بۇغداي ۋە ھاراق ئىمپرتىنى باشقۇرشنى كۈچەيتكەن. سۈرگۈن قىلىنغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا بىر قەدەر ئىلغا سىياسەت قوللانغان. ئازادلىق تەرەپدارلىرىنىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوللاپ كەلگەن. 1817-يىلى كېسەل بولۇپ ئەنگلىيىگە قايتىپ، لوندوندا ۋاپات بولغان.