UyghurMain Dictionary
ماي ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىتالىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. 1898-يىل بېشىدا ئىشسىزلىق، قۇرغاقچىلىق ۋە ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن ئاپۇلىيا دېھقانلىرى توپىلاڭ كۆتۈرگەن. 4 - 5-ئايلاردا مۇستەملىكە ئىشغال قىلىش تەۋەكۇلچىلىكىنى توختىتىش، ئىش تاشلاش ئەركىنلىكى، نەشرىيات ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىقى بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەينى - كەينىدىن قوزغىلاڭلار، ئىش تاشلاشلار، نامايىشلار ۋە دېھقانلار توپىلاڭلىرى كۆتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى مىلاندىكى قوزغىلاڭ، 5-ئاينىڭ 3 - 8-كۈنلىرى مىلان قوزغىلاڭچىلىرى دۆلەتنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ھەققىدىكى بەزى شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن بەش كۈنگىچە بارىكادا جېڭىنى داۋاملاشتۇرغان. ھۆكۈمەت قوزغىلاڭنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. رودىنى ئىچكى كابىنېتى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئېغىر زەربىسى ئاستىدا 7-ئايدا غۇلاپ چۈشكەن.