UyghurMain Dictionary
مايسا ئاي قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە پارىژ خەلقىنىڭ تومۇز ئايىچلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى بولۇپ، 1795-يىلى مايسا ئېيىدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، باھاغا يۇقىرى چەك قويۇش پەرمانى ئەمەلدىن قالغان، پارىژدا ئاشلىق كەمچىل بولۇپ، مال باھاسى تېز ئۆرلەپ كەتكەن، پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، بايلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پايدا ئۈندۈرۈۋالغان. مايسا ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى (3-ئاينىڭ 20-كۈنى) دىن تارتىپ، پارىژنىڭ سېتن ئانتوئان ۋە سېنت - ماسو رايونى ئىشچىلىرى ئۈلۈكسىز ھالدا يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىپ، قەھەتچىلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. مايسا ئېيىنىڭ 12-كۈنى (4-ئاينىڭ 1-كۈنى) ھەر قايسى رايوندىن كەلگەن نامايىشچىلار ئاممىسى مىللىي ئۇيۇشما يىغىن مەيدانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بولكا بىلەن تەمىنلەشنى، 1793-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى، ۋەتەنپەرۋەرلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مىللىي ئۇيۇشمىدىكى تاغلىقلاr ۋەكىلىرى نامايىشچىلار ئاممىسىنىڭ تەلىپىنى قوللىغان. بىراق قوزغىلاڭچىلاردا رەھبەرلىك ۋە ئېنىق پروگراممىسىنىڭ كەم بولۇشى بىلەن تومۇز ئايچىلار قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇۋەتكەن. 17-نەپەر تاغلىقلار ۋەكىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇلاردىن كۆپ كىشى ارانسىيىگە تەۋە گۋىنېيىگە سۈرگەن قىلىنغان.