مايلاشماق[يەشمىسى:] ① «مايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆتۈكلىرىنى مايلىشىپ، شەپكىلىرىنى قىرلىشىپ، زىياپەتكە تەييارلىنىشماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② ھەممە يېرىگە ماي تەگمەك، ھەممە يېرى ماي بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بېشىدىكى مايلىشىپ پارقىراپ كەتكەن قوپال شەپكە بولسا دائىم كۆزىگە چۈشۈپ تۇراتتى.