UyghurMain Dictionary
ماياكوۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1893 - 1930) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقلىق شائىر. گرۇزىيىلىك ئورمانچىلىق ئىشلىرى ئەمەلدارى ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن. 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب ۋاقتىدا، ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرس تاشلاش ۋە نامايىشقا قاتناشقان. 1908-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، مەخپىي ئىنقىلابىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1911-يىلى رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، بىنكارلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ھەمدە شېئىر يېزىشنى باشلىغان. دەسلەپكى شېئىرلىرىدا كاپىتالىستىك تۈزۈم پاش قىلىنغان ۋە مەسخىرە قىلىنغان (مەسىلەن، <ئىشتانلىق بۇلۇت>، فۇتۇرىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، <بىزنىڭ مارش>، <ئىنقىلابقا مەدھىيە>، <سولغا مارش>، <دىن كومېدىيىسى> قاتارلىقلارنى يېزىپ ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىەنىڭ غەرلبىسىنى مەدھىيىلىگەن. 1919 - 1922-يىللىرى <روستا )روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى( كۆزنىكى> نىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، شېئىر ۋە سۈرەت شەكلى بىلەن ئەكسىيەتچىلەر بىلەن كۈرەش قىلغان. <لېنىن> دېگەن داستاندا ئىنقىلاب داھىيىسىنى مەدھىيىلىگەن. يەنە <چۇسا> ۋە <مۇنچا> دېگەن سەھنە ئەسەرلىرى بار.