Chinese→UyghurMain Dictionary
马赫茂德
دۇنيا تارىخى
ماھمۇد
(؟ - 1829) ئافغانىستاننىڭ سادوزائى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1800 - 1803، 1809 - 1818). ئەھمەد شاھ دۇررانىنىڭ نەۋرىسى. ھېراننىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. 1800-يىلى يالاك زائى جەمەتىدىن فاتخ خاننىڭ (؟ - 1842) قوللىشى بىلەن ئاكىسى زامان شاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزى شاھ بولۇۋالغان. شاھلىق تەختىنى تالاشقۇچى شۇجانى (تەخمىنەن 1780 - 1842) نى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1803-يىلى شۇجاتەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. 1809-يىلى يەنى شۇجانى مەغلۇپ قىلىپ، تەختكە قايتا چىققان. كېيىنكى مەزگىلدە ئەخمەق، زالىم بولۇپ، ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتكەن. 1818-يىلى فاتىخقا زىيانكەشلىك قىلىپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇ يىلى، پالاك زائى جەمەتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ھېراتقا قېچىپ كەتكەن، پېرسىيىگە بېقىنغان.