UyghurMain Dictionary
ماگىزىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مال ساتىدىغان ئورۇن.
ياخشى مال دۇكاندا تۇرماس. دۇكىنىمغا كىرىۋەر، مېلىمغا تەگمە. «دوستلۇق» ماگىزىنى _ ئۈرۈمچىدە ئەڭ چوڭ ماگىزىن. تۈرلۈك ماللار ماگىزىنلىرىدا ھازىر نېمە دېسەڭ، شۇ تېپىلىدۇ. _ دادىسى، _ دەپتۇ ئايالى، _ سىز بىلەن بىللە چىقسام، ماگىزىنلارغا كىرگۈم كېلىدۇ. _ ئانىسى، _ دەپتۇ ئېرى، _ ماگىزىنلارنى ئويلىسام، سىز بىلەن بىللە چىققۇم كەلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛ئەرەبچە
ئىچىگە تۈرلۈك تاۋارلار تىزىلغان ۋە شۇ تاۋارلار سېتىلىدىغان سودا دۇكىنى.
ماگىزىن ئازادە ئىككى ئېغىزلىق بولۇپ، بىرىدە يەرلىك ماللار، يەنە بىرىدە سانائەت مەھسۇلاتلىرى سېتىلاتتى.