Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماگون
دۇنيا تارىخى
马贡
mǎ gòng
(1) كارفاگېنلىق ئاگرانوم. دېھقانچىلىققا دائىر 28 جىلدلىق بىر پارچە كىتابنى پوئېنى تىلى بىلەن يېزىپ چىققان. قەدىمكى زاماندا، بۇ كىتابنىڭ تەسىرى خېلى زور بولغان. كارفاگېن (مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى) ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، رىم سېناتى بۇ كىتابنى سلانوس قاتارلىق كىشىلەرنىڭ لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىشىنى قارار قىلغان. كېيىن ئۇتىكا (شىمالىي ئامېرىكا) دىكى كاسسىئوس گرېك يېزىقىدا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغان. بۇ ئەسەردىكى دېھقانچىلىق ىشلىرىغا دائىر بەزى ھېكمەتلىك سۆزلەرنى رىم يازغۇچىلىرى دائىم نەقىل كەلتۈرۈپ ئىشلەتكەن. (2) (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 203-يىلى) كارفاگېننىڭ گېنېرالى. خامىلكار باركانىڭ ئوغلى. گاننىبالنىڭ ئىنىسى. ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا گاننىبالغا ئەگىشىپ ئىتالىيىگە بارغان. كانناې جېڭىدە (مىلادىدىن 216 يىل ئىلگىرى) غەلىبە قىلغاندىن كېيىن كارفاگېنغا كېلىپ بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەن. ئاندىن ئىسپانىيىگە بېرپ، يەنە بىر ئاكىسى خاسدۇبال بىلەن ئۇچرىشىپ، دېڭىزدا رىمغا قارشى جەڭ قىلغان. مىلادىدىن 206 يىل ئىلگىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، گادېس (بۈگۈنكى ئىسپانىيىدىكى گادېس) قا چېكىنگەن. ئىككىنچى يىلى يەنە ئىتالىيىگە (گاننىبالنىڭ كۈچى يېتىم قالغان) بېرىپ، لىگورىيە ۋە پو دەرياسى ۋادىسىدا جەڭ قىلغان. مىلادىدىن 203 يىل ئىلگىرى كۇئىنتىلىيوس يېتەكچىلىكىدىكى رىم ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان ۋە يارىدار بولغان. ئافرىقىغا چېكىنىپ كېتىش سەپىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن.