Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماگېنتا جېڭى
دۇنيا تارىخى
马詹塔战役
mǎ zhān tǎ zhàn yì
1859-يىلى فرانسىيە ۋە ساردىنگ پادىشاھلىقىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ بىرى. 1858-يىلى ساردېنگ پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى كاۋۇر فرانسىيە كورۇلى لۇئى بوناپارت بىلەن ئاۋسترىيىگە قارشى پلومبېر ھەربىي كېلىشىمى ئىمزالىغان. 1859-يىلى 4-ئايدا، فرانسىيە بىلەن ساردېنگا پادىشاھلىقىنڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشى پارتلىغان. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، فرانسىيە - ساردېنگا بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن تەخمىنەن 54 مىڭ كىشى مىلاننىڭ غەربى قىسمىدىكى ماگېنتادا ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ 58 مىڭ ئەسكىرى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان، ئاۋسترىيە قوشۇنىنىڭ ئوڭ قانىتى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ مەغلۇپ بولغانلىقتىن مىنكو دەرياسى رايونىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئاۋسترىيە قوشۇنىدىن 10 مىڭغا يېقىن ئادەم چىقىم بولغان، فرانسىيە - ساردېنگ بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن 4500 ئادەم چىقىم بولغان. 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، بىرلەشمە ئارمىيە مىلاننى ئىشغال قىلغان، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى پۈتۈن لومباردىيىنى ئىشغال قىلغان.