Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماگنولىيە
بىئولوگىيە
辛夷
xīnyí
ماگنولىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، توپلىشىپ ئۆسىدۇ. كىچىك شېخى بىنەپشە قوڭۇر بولۇپ، قوۋزاق تۆشۈكى روشەن بولىدۇ. يوپۇرمىقى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپسسىمان تۇخۇم شەكىللىك، ئالدىنقى ئۇچى ئىنتايىن ئۇچلانغان، تۈۋى قىسمى شىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ ئۈستۈنكى يۈزىدە شالاڭ تۈك ئۆسىدۇ، ئاستىنقى يۈزىدە تومۇرنى بويلاپ تۈك ئكسىدۇ. گۈلى يوپۇرمىقىدىن بۇرۇن ياكى يوپۇرمىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ، شاخ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، چوڭ، قوڭغۇراقسىمان بولىدۇ؛ گۈل يېپىنچىسى توققۇز، ھەر ئۈچ يېپىنچا بىر ئايلانما بولۇپ تىزىلىدۇ؛ ئەڭ سىرتتىكى ئايلانمىدىكى يېپىنچا تۆمۈنە شەكىللىك، سارغۇچ، يېشىل، قالغانلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، سىرتقى تەرىپى بىنەپشەرەڭ ياكى قارامتۇل قىزىل، ئىچى ئاق پۇراقسىز. ئانىلىق ياپراقچىسى كۆپ، مۇرەككەپ مېۋىسى ئېللىپس شەكىللىك، ئاچ قوڭۇر رەڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى خۇبېي، ھازىر ھەممە يەردە كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇ بىرخىل مەنزىرە ئۆسۈملۈكىدۇر. ئۇنىڭ قوۋزىقى، يوپۇرمىقى ۋە گۈلىدىن خۇش پۇراق ئېكستراكت ئېلىنىدۇ؛ غۇنچىسى دورىغا قوشۇلىدۇ، تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك,ئورمانچىلىق
赤朴
chì pǔDئۇنىۋېرسال
辛夷
xīn yíDئورمانچىلىق
重皮
zhòng píDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
马格诺利亚
mǎ gé nuò lì yàDئورمانچىلىق
油朴
yóu pǔDيېزا ئىگىلىك
木兰
mù lánDباغۋەنچىلىك
(سۆسۈن گۈللۈك) ماگنولىيە
木兰
mù lánDئورمانچىلىق
厚朴
hòu pǔDتېببىي
辛夷
xīn yíDئۇنىۋېرسال
荷花玉兰
hé huā yù lánDتېببىي
ماگنولىيە (ماگنولىيە ئائىلىسىدىكى ماگنولىيە ياكى ئويمان يوپۇرماقلىق ماگنولىيە ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇق قوۋزىقى )
厚朴
hòu pǔ