Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماگادان شەھىرى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر马加丹市
mǎ jiā dān shì
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان شەھەر، ماەادان ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئاھالىسى 122 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). بۇ شەھەر 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى كولىما دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئالتۇن كانلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى تاشيول، دېڭىز يولى ھەم ھاۋا يوللىرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى. شەھەردە كان ماشىنىلىرىنى ئىشلەش، كېمە رېمونت قىلىش، ئاپتوموبىل ھەم تراكتور رېمونت قىلىش، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ىئشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ ئورۇن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى مۇھىم پەن تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى، سوۋېت بويىچە ئالتۇم ھەم ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى تەتقىقات قىلىش قاتارلىق ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ دېڭىز ياقىسىدا سىرتقى پورتى ناگايېۋ پورتى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.