Chinese→UyghurMain Dictionary
马尔斯
دۇنيا تارىخى
مارس
(Mars) قەدىمكى رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئۇرۇش خۇداسى، ھەربىي قوشۇن ئىلاھى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئارېسنىڭكىگە ئوخشاش. لېكىن ئۇنىڭ ئورنى ئارېسنىڭكىدىن يۇقىرى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جۇنۇ باھار كۈنلىرىدىكى بىر خىل ئاجايىپ گۈلنى تۇتقانلىقتىن ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇلغانىكەن. دەسلەپتە يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ۋە مول ھوسۇلنى قوغدايدىغان دېھقانچىلىق ئىلاھى ئىكەن، بولۇپمۇ باھار پەسلىدىكى تەبىئىي كۈچنىڭ سىمۋولى ئىكەن. قەدىمكى رىملىقلار ئاساسەن 3-ئايدا قۇربانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، 3-ئاي لاتىنچە مارس ئېيى دەپ ئاتىلىدۇ. رىمنىڭ سىرتقا قارشى يۈرۈش قىلىشى ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئۇرۇشنى باشقۇرىدىغان قوشۇن ئىلاھى بولۇپ قالغان ھەمدە كەڭ نوپۇزدىن بەھرىمەن بولغان. بۇنىڭدىن باشقا ماس -( رىم شەھىرىنى قۇرغۇچى رومورۇسنىڭ ئاتىسى دەپمۇ رىۋايەت قىلىشىدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mǎ ěr sī
مارس