Uyghur←ChineseMain Dictionary
مادراس
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر马德拉斯
mǎ dé lá sī
ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر، مۇھىم پورتى، ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن تەرەققىي قىلغان مۇھىم سودا سانائەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 5 مىليون 400 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). مادراس پورتى سۈنئىي پورقت بولكۇپ، ئىككى تارماق قانال، تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى رايونلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. مادراس ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى، توقۇمىچىلىق سانائىتى بىلەن ھىندىستاندا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، تېرە - خۇرۇم، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەر رايونىدىكى پېرامبوردا ھەرخىل تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سانائەت ئورنى، شەھەرنىڭ جەنۇبىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان كالاپپاكام دېگەن جايدا ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى بار. شەھەردە يەنە خەلقئارا ئايرودرومى، كىنو ستۇدىيىسى، مۇزېيخانا، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار. مادراس پورتى ئارقىلىق تېرە، يۇڭ، پاختا، كوفى، چىرىمتال قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. مادراس ھىندىستاننىڭ بومباي، مورموگان، ۋىساكاپاتنام، كالىكوتتىلاردىن قالسا بەشىنچى ئورۇندىكى چوڭ پورتى.
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
马德拉斯
mǎ dé lá sī
GetWord Corpus
9马德拉斯
马德拉斯【地名】
mǎ dé lā sī
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.