UyghurMain Dictionary
مادجاپاھىت
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى فېئودال پادىشاھلىق (1293 - 1478)، سىڭتاسارى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى گېداناجالانىڭ كۈيئوغلى رادېن ۋىجايا (؟ - 1309) قۇرغان. 1293 - يىلى يۈەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى ياۋاغا ئەسكەر چىقارغان، ۋىجايا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ كادىرى دۆلىتىنى يەڭگەن، كېيىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئارمىيىسىنى ياۋادىن قوغلاپ چىقىرىپ، مادجاپاھىت (شەرقىي ياۋادا)نى پايتەخت قىلىپ مادجاپاھىت دۆلىتىنى قۇرغان. 1331 - يىلى گادجاھ مادا (؟ - 1364)، باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، فېئودال خوجىلىق يەر ئىگىلىىرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن. ھايام ۋۇرۇك تەختتە تۇرغاندا (1350 - 1389)، گادجاھمادانىڭ يول كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، سىرىۋىجايا قاتارلىق دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، تەسىر كۈچى ھازىرقى ھىندۇنېزىيىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغىچە كېڭەيگەن، دۆلەت گۈللەپ ياشنىغان. سودا، قول سانائەت تەرەققىي قىلىپ، سودا شەھەرلىرى گۈللەنگەن. مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان. 1365 - يىلى پراپانسا داڭلىق داستان <ياۋاغا مەدھىيە> نى يېزىپ پۈتتۈرگن. بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپى ۋە سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان، بۇ ئىككى چوڭ دىنىي مەزھەپ تەدرىجىي ھالدا قوشۇلۇپ كەتكەن. 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىسلام دىنى تارقىلىشقا باشلاپ، كېيىن پەيدىنپەي كەڭ ئەۋج ئالغان. سىيام، كېخمىر، ئەننەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قويۇق باردى - كەلدى قىلغان، جۇڭگوغىمۇ كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. جۇڭگونىڭ مڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچىسى جېڭ خې بۇ دۆلەتكە 1405 - يىلى ۋە 1408 - يىلى ئىككى قېتىم بارغان. 15 - ئەسىردە دۆلەت كۈچى ئاجىزلاشقا باشلىغان. 1478 - يىلى پادىشاھ قوشۇنى شەرقىي ياۋادىكى فېئودال كۈچلەر تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، پايتەىت قولدىن كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن مادجاپاھىت پارچىلىنىپ كەتكەن.