Chinese→UyghurMain Dictionary
马德里公约
دۇنيا تارىخى
مادرىد ئەھدىنامىسى
ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ 1880 - يىل 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مادرىدتا ئىمزالىغان ماراكەش توغرىسىدىكى ئەھدىنامە. بۇنىڭدا ئەھدىنامە تۈزگۈچى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ماراكەشتە ئالاھىدە ئورۇن قوغلىشىشىغا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگە، لېكىن بىر ۋاقىتتا يەنە چەت ئەل مۇھاجىرلىرىنىڭ شۇ جايدىكى ئىمتىيازى كېڭەيتىلگەن. ئەھدىنامە فرانسىيەنىڭ ماراكەشتىكى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمىچىلىكى ۋە ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ماراكەشنى تالىشىشتىكى كەسكىن زىددىيىتىنى توسۇپ قالالمىغان.