UyghurMain Dictionary
ماڭدام
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماڭغاندا پۇتنىڭ ھەر بىر ئاتىلىشى.
يولىنى كۆرۈپ قەدەم باس. كېچكىپ قەدەم تاشلىغان قەدەم تاشلىمغاندىن ئەلا. ئىككى قەدەم ئارتقا، بىر قەدەم ئالغا. ئىككى چامدام مېڭىپ بىر توختىغان مەنزىلگە كەچ بارىدۇ. پۇتى قىسقىنىڭ ماڭدىمى قىسقا. ھايات بىلەن ماماتنىڭ ئارىلىقى بىر ئاتىم.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ماڭدام يەنە <چامدام> مۇ دېيىلىدۇ. بىر ماڭدام ئۈچ قەدەم (تاپان) غا تەڭ بولۇپ، تەخمىنەن بىر مېتر دەپ ئېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. مېڭىش جەريانىدا تاشلانغان ھەربىر قەدەم، چامدام.
پارتىيە چىقىپ كەلدى، بەختىمىزنى يورۇتۇپ، زالىملارنىڭ زۇلمىنى، ماڭدىمىدا غۇلىتىپ.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ ماڭدام بىلەن ئۆلچەشكە بولىدىغان ئۇزۇنلۇقنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ قەدىمىنى تېزلىتىپ 100 ماڭدام ماڭار - ماڭمايلا يامغۇر شارقىراپ قۇيۇۋەتتى.