Uyghur←ChineseMain Dictionary
مابلى
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى马布利〈法〉
mǎ bù lì 〈fǎ 〉
Domain: دۇنيا تارىخى马布利
mǎ bù lì
(1709 - 1785) فرانسىيەلىك سىياسىي مۇتەپەككۈر، خىيالىي كوممۇنىزمچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. روھانى خىزمەت ۋە دىپلوماتىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن مەخسۇس ئىلمىي ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەبىئىي ھوقۇق تەلىماتى ۋە ئىجتىمائىي كېلىشىم نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇ جىمىكى بالايى - ئاپەتنىڭ مەنبەسى؛ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، يەرگە بولغان ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان؛ پەقەت ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىكلا ئىنسانلارنى بەخت - سائادەتكە ئىگە قىلالايدۇ، لېكىن شەخسىي ئارزۇنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىككە قايتىشى مۇمكىن ئەمەس، بىردىن - بىر چارە شۇكى، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى يوقاتماي تۇرۇپ، باراۋەرلىكنى ئىمكانقەدەر ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى ئېھتىياجنى چەكلەپ، ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىشنى مەنئىي قىلىپ، چەك قويۇلىدىغان يەر قانۇنىي ۋە ۋارىسلىق قانۇنىي يولغا قويۇش كېرەك دەپ ھېسابلىغان، ئۇنىڭ ئالىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى گەۋدىلەندۈرگۈچى - خەلق، خەلق ھەتتا ھازىرقى ھاكىمىيەتنى زوراۋانلىق كۈچ بىلەن ئاغدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق دېگەن نۇقتىئىنەزىرى فرانسىيەنىڭ كېيىنكى زور ئىنقىلابىغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈش رولىنى ئوينىغان. <تەبىئىي تەرتىپ ھەققىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان سۇئال>، <قانۇن چىقىرىش ياكى قانۇنىي پرىنسىپ توغرىسىدا>دېگەن ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.