Uyghur←ChineseMain Dictionary
لېۋېررېر
دۇنيا تارىخى
雷威耶
léi wēi yē
(1811 - 1877) فرانسىيىىك ئاسترونوم. دەسلەپ خىمىيىنى تەتقىق قىلغان. 1837 - يىلى پارىژ ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن مەكتىپىدە ئاسترونومىيە لېكتورى بولغان، كېيىن ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتكەن. 1854 - يىلى پارىژ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1845 - يىلى ئوراندا تەۋرىنىش بولغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، نامەلۇم سەييارە بولۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىغان، كېيىن بۇ سەييارىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئورنىنى ھېسابلاپ چىققان. 1846 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى گېرمانىيە ئاسترونومى گاللې (1812 - 1910) لېۋېررېرنىڭ ھېسابلاش ماتېرىيالىغا ئاساسەن نېپتوننى تاپقان. لېۋررېرنىڭ كەشپىياتى ئەنگلىيەلىك ئاسترونوم ئادامىس (1819 - 1892) دىن كېيىن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئىشلىگەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى نېپتوننى تاپقۇچىلار دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سەييارىلەر نەزەرىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەتكەن ھەمدە شۇ چاغدىكى ئەڭ ئوبدان كۆزىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق سېلىشتۇرغان؛ شۇنداقلا مېركۇرى ھەرىكىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش خاراكتىرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ياكى 1915 - يىلى ئېينىشتېيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىچىلىك نەزەرىيىسى ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كېيىن ئاندىن يېشىلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: <سەييارىلەر ھەرىكىتى نەزەرىيىسى>، <قۇياش سخېمىسى>، <مېركۇرى سخېمىسى>.