UyghurMain Dictionary
لى ۋەنيوڭ
دۇنيا تارىخى
(1868 - 1926) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى مىللىي خائىن. ئىسمى جىڭدې، تەخەللۇسى يىتاڭ. 1887 - يىلى چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1888 - يىلى 12 - ئايدا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت ئەلچى بولغان. 1895 - يىلى ياپونىيە بىلەن روسىيەنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇداخىلە قىلشىدەك مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتتىن پايدىلىنپ، مائارىپ ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1896 - يىلى روسىيەپەرەس ئۇنسۇر لى فەنجىن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چار روسىيە ئەلچىسنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن پادىشاھنى ئالداپ روسىيە ئەلچىخانىسىغا ئەكىلىۋالغان. جىن خۇڭجى كابېنتىنى تاشلاپ، روسىيەپەرەسلەرنىڭ يېڭى كابېنتىنى تەشكىللەپ، ئۆزى دىپلوماتىيە، مائارىپ، ۋە يېزا ئىگىلىك، سودا - سانائەت ۋازارەتلىرىنىڭ ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىۋالغان. 1901 - يىلى ئوردا مەھكىمىسى بىرىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان. كېيىن ياپونىيەنىڭ چاۋشيەندىكى تەسىركۈچى بىردىنلا ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن بىر دومىلاپلا ياپونپەرەس بولۇۋالغان. 1905 - يىلى ئېتوخىروبۇمى چاۋشيەننى <يىسى يىلىدىكى ھامىيلىق شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغاندا، باشلامچىلىق بىلەن قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيە ئۈچۈن كۈچەپ كەتمەن چاپقان. كىشىلەر ئۇنى <يىسى بەش ئوغرىلىرى> نىڭ كاتتىبېشى دەپ ئەيىبلەشكەن. 1907 - يىلى ياپونىيەنىڭ يۆلىشى بىلەن كابېنتنىڭ زۇڭلى ۋەزىرى بولغان، گائاگا تىنچلىق يىغىنىغا مەخپىي ئەلچى ئەۋەتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سوڭ شىڭجۇن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پادىشاھ گاۋزۇڭنى تەختتىن چۈشۈرۈشكە مەجبور قىلغان. ياپونىيەنىڭ چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىشىغا ياردەملەشكەن. 1910 - يىلى <كورىيە - ياپونىيە بىرلىشىش شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا گراف، ماركىزلىق مەرتىۋىسىنى بەرگەن.