Uyghur←ChineseMain Dictionary
لۇزاننا شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
洛桑条约
luò sāng tiáo yuē
تولۇق ئاتىلىشى - <ئانتانتا ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىگە قارىتا سۈلھ شەرتنامىسى>. 1923 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە، يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق يەتتە ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن يېڭىلگۈچى دۆلەت تۈركىيە شۋېتسارىيىنىڭ لۇزاننا يىغىنىدا ئىمزالىغان. 1922 - يىلى كۈزدە، كامال رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە مىللىي ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ئەنگلىيەنىڭ قوللىشىدىكى گرېتسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىپ دۈشمەن قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان سۇلتاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە <سېۋر شەرتنامىسى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مەجبور بولغان ھەمدە يېڭىدىن <لۇزاننا سۈلھ شەرتنامىسى> نى تۈزگەن. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمونى: تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئاساسىي تېررىتورىيىسىنى تولۇق ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، سىمىرنا رايونى بىلەن شەرقىي فراكىيىنى قايتۇرۋالىدۇ؛ تۈركىيە مىسىر، ماراكەش، لىۋىيە قاتارلىق جايلاردىكى زېمىن تەلىپىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىگە قىلغان قوراللىق مۇداخىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە چىقىمغا قارىتا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا تۆلەم تۆلىتىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ فرانسىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى كۈچ دائىرىسى ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىدىكى زېمىنىدىن تاشقىرى بارلىق ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، تاموژنىغا تۈركىيە ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، دېڭىز بوغۇزىدا خەلقئارا ئەركىن قاتناش يولغا قويۇلىدۇ، دېگەن پرىنسىپلاردىن ئىبارەت.