Uyghur←EnglishMain Dictionary
لۇئولار
Domain: دۇنيادىكى مىللەتلەرLuojluwo
لۇئولار كېنىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن شەرقىي ئافرىقىدىكى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭمۇ بىرى بولۇپ، ئۇلار <ژولۇئولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار سۇداننىڭ شىمالىي، زايىرنىڭ شەرقىي شىمالى، ئېفىئوپىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى، ئوگاندانىڭ شىمالى ۋە كېنىيە بىلەن تانزانىيىنىڭ ۋىكتورىيە كۆلى رايونىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 4 مىليون 620 مىڭ، ئۇلارنىڭ 2 مىليون 150 مىڭى كېنىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 14 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، لۇئولارنىڭ نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمىسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي سۇدان تىللىرى تارمىقىغا تەۋە دېھلۇئو تىلىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بار، سىۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ، لۇئولارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، ئاز قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
لۇئولار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، پۇرچاق، ئاققوناق قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقى مۈڭگۈزلۈك كالا بىلەن قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
لۇئولار ئەسلىدە نىلوتلارنىڭ جەنۇبىي تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى چۆل - باياۋانلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان قەبىلە - قوۋملار ئىدى، ئۇلار Ⅹ[KG-*2]Ⅴ ئەسىر ئەتراپىدا ھازىرقى ئولتۇراقلاشقان رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–English dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.