Uyghur←ChineseMain Dictionary
لۇئى
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
路易十四世
lù yì shí sì shì
دۇنيا تارىخى
路易
lù yì
(1) (778 - 840)، چارلېس ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (814 - 840)، ئىمپېراتور چارلېسىنىڭ ئوغلى. دىنغا قاتتىق ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، تەقۋادار دەپ نام ئالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، پادىشاھ جەمەتىدە دائىم ئىچكى ماجىرا بولۇپ تۇرغان. مىلادى 817. 829 - ۋە 837 - يىللىرى دۆلەت زېمىنىنى ئوغوللىرىغا ئۈچ قېتىم بۆلۈپ بەرگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغۇللىرىدىن لوتائىرې Ⅰ، لوئى (گېرمان) ۋە چارلېس (تاز) مىلادى 843 - يىلى <ۋېردۇن شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، چارلېس ئىمپېرىيىسىنى رەسمىي ھالدا ئۈچكە بۆلۈشۈۋالغان. (2) لوئى (گېرمان، تەخمىنەن 804 - 876)، شەرقىي فرانك كورۇلى (843 - 876). لوئى (تەقۋادار) نىڭ ئوغلى. 840 - يىلى ئۇكىسى چارلېس (تاز) بىلەن بىرلىكتە <ستراسبۇرگ قەسەمنامىسى> نى ئېلان قىلىپ، ئاكىسى لوتائىرې Ⅰ گە قارشى تۇرغان. 843 - يىلى ئۈچ ئاكا - ئۇكا <ۋېردۇن شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، چارلېس ئىمپېرىيىسىنى ئۈچكە بۆلگەن. لوئى (گېرمان) ريېن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنىگە ئىگە بولۇپ، شەرقىي فرانك كورۇلى دەپ ئاتالغان. 870 - يىلى چارلېس (تاز) بىلەن <مېرسېن شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ لوررائىن پادىشاھلىقىنى بۆلۈشۈۋالغان. يەنە ئوبودرىتلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغان ھەمدە بۈيۈك مولداۋىيە كىنەزلىكىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان.
دۇنيا تارىخى
路易十五
lù yì shí wǔ
(1710 - 1774)، فرانسىيە كورۇلى (1715 - 1774). لۇئى ⅣⅩ نىڭ چەۋرىسى. دەسلەپتە ئورلىئان كىنەزى فىلىپ (1674 - 1723) نائىبلىق قىلغان. 1716 - يىلى پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىستى جون لاۋنى خىزمەتكە قويۇپ، مالىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان، ئەمما قەغەز پۇل قالايمىقان تارقىتىلىپ، بانكا نەقلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، قولىدا قەغەز پۇل بارلار ۋەيران بولۇپ، ئىسلاھات مەغلۇپ بولغان. 1726 - يىلىدىن باشلاپ كاردېنال فلېئۇرى (1653 - 1743) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1743 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان، كەيپ - ساپاغا بېرىلىپ، خالىغانچە بۇزۇپ - چېچىپ، خەزىنىنى قۇرۇقداپ قويغان. 1750 - يلى باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، ئەمما راھىبلار، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. 1771 - يىلى پارىژ ئالىي سوتىنى تارقىتىۋېتىپ، ۋەزىرى مائۇپېئانۇ (1714 - 1792) غا كورۇلغا تامامەن ئىتائەت قىلىدىغان <مائۇپېئائۇ سوتى> نى تەشكىل قىلدۇرغان. سىرتقا قارىتا، زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشلىرىغا داۋاملىق قاتنىشىپ تۇرغان، پولشا تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى (1740 - 1748) ۋە يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 - 1763) لاردا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، دۆلەت مالىيەسىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇرژۇئازىيە ئاقارتىش ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ، فېئودال مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەن.
دۇنيا تارىخى
路易六世
lù yì liù shì
(1081 - 1137)، فرانسىيە كاپېتىئېنىس سۇلالىسىنىڭ كۇرۇلى (1108 - 1137). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، شەھەر ۋە چېركاۋغا تايىنىپ، پادىشاھ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىدىكى فېئوداللارنى بويسۇندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالىي دەرىجىلىك مىسسىئونېرلارنى ۋەزىرلىككە قويۇپ، ئوردا ئىشلىرىغا قاتناشتۇرغان، موناستىر باشلىقى سۇگېرۇس (تەخمىنەن 1081 - 1151) ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر ئىدى.
دۇنيا تارىخى
路易十六
lù yì shí liù
(1754 - 1793)، فرانسىيە كورۇلى (1774 - 1792). لۇئى ⅤⅩ نىڭ نەۋرىسى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا، فرانسىيىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي كرىزىس ئېغىرلاشقان. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تۇرگوت، نېككېر قاتارلىقلارنى مالىيە باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، مالىيە ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1789 - يىلى 5 - ئايدا ئۈزۈۈلۈپ قالغىنىغا 175 يىل بولغان ئۈچ تەبىقە كېڭىشىنى ئېچىشقا مەجبور بولغان. پارىژ خەلقنىڭ 14 - ئىيۇل قوراللىق قوزغىلىڭى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، 10 - ئايدا ئوردىنى ۋېرسالدىن پارىژغا كۆچۈرۈپ كىرىشكە مەجبور بولغان. ئەمما <ئاۋغۇست پەرمانى> ۋە <كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى> نى تەستىقلاشنى رەت قىلغان ھەمدە <مىسسىئونېر، پۇقرالار تەشكىلىي قانۇنى> غا قارشى تۇرغان. 1791 - يىل 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى گىرىم قىلىپ سىرتقا قاچقان بولسىمۇ، ۋارېننېستا تۇتۇۋېلىنغان. 9 - ئايدا <1791 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن>نى تەستىقلاپ، فرانسىيىلىكلەرنىڭ كورۇلى دەپ ئاتىلىپ، يېڭىۋاشتىن ھوقۇق تۇتقان. 1792 - يىلى 4 - ئايدا، ئاساسىي قانۇن تۈزۈگۈچى پارلامېنت ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغاندا، تاشقى دۈشمەنلەر ۋە قاچقۇن ئاقسۆڭەكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 10 - ئاۋغۇست ئىنقىلابىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مىللىي ئۇيۇشما پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، فرانسىيە 1 - جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىككىنچى يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.
دۇنيا تارىخى
路易七世
lù yì qī shì
(تەخمىنەن 1121 - 1180)، فرانسىيە كاپېتىئېنىس سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1137 - 1180) لۇئى Ⅵ نىڭ ئوغلى. 1137 - يىلى ئاكۇيتانىيە كىنەزىنىڭ قىز ۋارىسى ئالىئېنور (1122 - 1204) بىلەن توي قىلغان. 1147 - 1149 - يىللاردا ئەھلىسەلىپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان. 1152 - يىلى ئالىئېنور بىلەن نىكاھتىن ئاجراشقان، ئالىئېنور ئانژوگرافى ھېنرىغا تۇرمۇشقا چىققان. ھېنرى 1154 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتالغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيەنىڭ ئانژو، ئاكويتانىيە قاتارلىق كەڭ زېمىنى ئەنگلىيە پادىشاھ جەمەتىگە تەۋە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە، ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ پادىشاھ جەمەتلىرى يۇقىرىقى زېمىنىغا كونتروللۇق قىلىش ھوقۇقىنى ئۇزاق ۋاقىت تالاشقان.
دۇنيا تارىخى
路易八世
lù yì bā shì
(1187 - 1226)، فرانسىيە كاپېتىئېنىس سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1223 - 1226). فىلىپ Ⅱ نىڭ ئوغلى، لۇئى Ⅶ نىڭ نەۋرىسى. 1200 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ نىڭ قىز نەۋرىسى، كاستىلىلىق بلانچې (1871 - 1252) بىلەن توي قىلغان ھەمدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيەنىڭ كورۇللۇق تەختىگە كۆز تىككەن. 1216 - يىلى ئەنگلىيىدە چوڭ ئاقسۆڭەكلەر توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، يوھان (يەرسىز كورۇل)غا قارشى تۇرۇپ، لۇئىنى ئەنگلىيە كورۇلى دەپ ئېتىراپ قىلغان. شۇ يىلى ئەنگلىيىگە بارغان. 1217 - يىلى يوھاننىڭ ئوغلى ھېنرى Ⅲ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كېلشكە مەجبور بولغان. فرانسىيەنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ فرانسىيىدىكى خوجىلىق يېرى پۇۋانا، لىموئۇسىن ۋە پېرىگورنى قاتارلىقلارنى تارتىۋالغان. 1226 - يىلى ئەسكەر چىقىرىپ ئالبى مەزھىپىدىكىلەرنى باستۇرغان. <ئالبىس مەزھىپىدىكىلەر ئۇرۇشى> غا قاراڭ.
دۇنيا تارىخى
路易十八
lù yì shí bā
(1755 - 1824) فرانسىيە كورۇلى (1814 - 1824)، لۇئى ⅥⅩ نىڭ ئۇكىسى، ئەسلىدە پروۋېنتىسې گرافى دەپ ئاتالغان. 1791 - يىلى 6 - ئايدا بريۇسسېلغا قېچىپ كەتكەن، كېيىن كۇبلېنزغا بېرىپ، قاچاقلارنىڭ سەردارى بولغان. لۇئى ⅥⅩ 1793 - يىلى 1 - ئايدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جىيەنىنى لۇئى ⅦⅩ دەپ ئاتاپ، ئۆزى نائىبلىق قىلغان، 1795 - يىلى جيەنى ئۆلگەندىن كېيىن، چەت ئەلدە ئۆزىنى لۇئى ⅧⅩ دەپ ئاتىغان. 1799 - يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ناپولېئونغا خەت ئەۋەتىپ، دۆلىتىگە قايتىشنى ۋە بوربون سۇلالىسىنى ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، رەت قىلىنغان. 1814 - يىلى 4 - ئايدا فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىرىلدۈرگەن. 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى <1814 - يىلىدىكى ئاساسىي نىزام>نى ئېلان قىلىپ، پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان. ناپولېئوننىڭ يۈز كۈنلۈك سۇلالىسى مەزگىلىدە، يەنە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1815 - يىلى ۋاتېرلوئو جېڭىدىن كېيىن، فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا يەنە پارىژغا قايتىپ كېلىپ، كورۇللۇق تەختىگە قايتا چىققان ھەمدە <بىردىنبىر پارلامېنت> قۇرۇپ، ئاق تېررورلۇق يۈرگۈزگەن. 1818 - يىلى تۆت دۆلەت ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1823 - يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ، ئىسپانىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. كېيىن پارىژدا ئۆلگەن.
دۇنيا تارىخى
路易九世
lù yì jiǔ shì
(1214 - 1270)، فرانسىيە كاپىتئېنىس سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1226 - 1270). لۇئى Ⅷ نىڭ ئوغلى. كىچىك چېغىدىلا تەختكە ئولتۇرغان. ئانىسى بلانچې نائىبلىق قىلغان. 1236 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان. 1242 - يىلى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتقان. يەرلىك فېئودال تەپرىقىچى كۈچلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەدلىيە، پۇل تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئىسلاھ قىلغان؛ ئالىي سوت (پارلامېنت دەپ ئاتالغان) قۇرۇپ، زور دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويۇپ، فېئوداللار سوتىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن؛ پادىشاھ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرى دائىرىسىدە دۇئېلغا چىقىپ ھۆكۈم قىلىشنى ھەمدە فېئوداللار ئارا خۇسۇسىي ئۇرۇش قىلىشنى مەنئى قىلغان؛ پادىشاھ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىنىڭ سىرتىدىكى فېئوداللارنىڭ ئۆز ئارا قوراللىق جاڭجاللىرىغا قارىتا، <كورۇلنىڭ قىرىق كۈنى> تۈزۈمىنى يولغا قويغان، بۇ مەزگىل ئىچىدە جەڭ ئېلان قىلىنغان تەرەپ كورۇلغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان؛ ئالتۇن - كۈمۈش پۇل قۇيدۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە ئوبوروت قىلدۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك فېئوداللار ۋە شەھەرلەر ئۆز ئالدىغا قۇيدۇرغان پۇللارنى تەدرىجىي ھالدا چەتكە قاققان. 1248 - يىلى 7 - قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسنى باشلاپ مىسىرغا ھۇجۇم قىلغان، 1250 - يىلى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن ۋە سۈرىيىدە تۆت يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ جىسمانىي ئەركىنلىكنى سېتىۋالغان. 1270 - يىلى يەنە سەككىزىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنى باشلاپ تۇنىسقا يۈرۈش قىلغان، شۇ يىلى 8 - ئايدا كېسەل يۇقۇپ، تۇنىس شەھىرىنىڭ يېنىدا ئۆلگەن.
دۇنيا تارىخى
路易十一
lù yì shí yī
(1423 - 1483)، فرانسىيە ۋاررويا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1461 - 1483). چارلېس Ⅶ نىڭ ئوغلى. ئەسكەر تارتىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، دادىسغا قارشى چىققان. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، چوڭ فېئوداللارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن.1464 - يىلى چوڭ فېئوداللار <ئورتاق مەنپەئەت ئىتتىپاقى>نى قۇرۇپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت بىلەن قارشىلاشقان. ئۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنى پارچىلىغان. 1477 - يىلى شۋېتسارىيە، لوررائىن بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ئىتتپاقىنىڭ رەھبىرى، بۇرگۈندى كىنەزى چارلېس (جاسارەتلىك)نى مەغلۇپ قىلش ۋە ئۆلتۈرۈشنى قوللىغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رۇسسىللون، ئانژۇ، مائىن، پروۋېنتسې، بۇرگۇندى كىنەزلىكى ۋە پىكاردىلارنى قوشۇۋېلىپ، فرانسىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان. قول سانائەت (بولۇپمۇ يىپەك توقۇمىچىلىق) ۋە ئىچكى - تاشقى سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، بۇرژۇئازىيىنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىقىغا قويغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئۈچ تەبىقە كېڭىشىنى پەقەت بىر قېتىمدىلا ئاچقان (1468 - يىلى)، ئادەتتىكى چاغلاردا پادىشاھ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئاساسلىق ئوردا كېڭىشىنىڭ مەسلىھەت بېرىشىگە تايانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن فرانسىيە بۇ مەزگىلدە تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدىن تەدرىجىي ھالدا پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن.
دۇنيا تارىخى
路易十四
lù yì shí sì
(1638 - 1715)، فرانسىە كورۇلى (1643 - 1715). لۇئى ⅢⅩ نىڭ ئوغلى. بەش يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان، ئانىسى ئاننا نائىبلىق قىلغان، باش ۋەزىر مازارىن ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. 1661 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، باش ۋەزىر قويماي، <كورۇلنىڭ ئۆزى دۆلەتتۇر> دېگەن مۇتلەق پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان، كىشلەر ئۇنى <قۇياش شاھ> دەپ ئاتىغان. 1665 - يىلى كولبېرتنى مالىيە باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، سودىغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. چېگرا بېجىنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سودا شىركەتلىرىنى تەسىس قىلىپ، قول سانائەت ئىشخانىلىرىنى يۆلەپ، مەملىكەت ئىچىىدكى چازىلارنى ئېلىپ تاشلاپ، قانال قازدۇرۇپ، كاپىتالسىتىك سودا - سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەنە ئارمىيىنى ئىسلاھ قىلغان؛ ھەرخىل قانۇن ۋە نىزاملارنى تۈزۈپ چىققان. 1685 - يىلى <نانتېس كەچۈرۈم پەرمانى>نى ئەمەلدىدن قالدۇرۇپ، پروتېستانتلارغا زىيانكەشلىك قىلغان؛ كۇرۇل ئىمزا قويغان ۋە تامغا باسقان ئاق قولغا ئېلىش مەخپىي ئالاقە قەغەزلىرىنى تارقاتقان، كىشىنىڭ جېنىنى قۇشقاچنىڭ جېنىچىلىك كۆرمىگە؛ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ۋېرسال ئوردىسىنى ۋە چوڭ تىپتىكى خاتىرە خاراكتىرلىق ئىمارەتلەرنى يېڭىدىن ياساتقان. سىرتقا قارىتا، گوللاندىيىگە قارشى ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇش ۋە ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت خەزىنىسى قۇرۇقدىلىنىپ، خەلق كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئۈزۈلمەي كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان، فرانسىيەنىڭ فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمى گۈللىنىشتىن خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان.