Chinese→UyghurMain Dictionary
卢斯
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىlú sī
لوس
卢斯〈瑞典〉
lú sī
لوس
卢斯〈瑞典〉
lú sī
لوس
Domain: دۇنيا تارىخىليۇس
(1898 - 1967) ئامېرىكىلىق نەشرىياتچى. مىسسىئونېرنىڭ ئوغلى. جۇڭگو شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خۇجىسى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن چىكاگو <پالىرمو ئاخباراتى> گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولغان. 1923 - يىلى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ <دەۋر> ژۇرنىلىنى چىقارغان. كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇپ، <ئەركىنلىك> نى قوغداش كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغان. 1930 - يىلى كارخانا دىرېكتورلىرى ئوقۇشلۇقى بولغان <بەخت> ناملىق ئايلىق ژۇرنىلىنى چىقارغان. 40 - يىللىرى دەۋر نەشرىيات شىركىتىنىڭ ئاساسلىق ھەسسىدارلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 50 - يىللاردا <دەۋر>، <بەخت>، <بىناكارلىق مۇنبىرى>، <تۇرمۇش>، <ئائىلە> ۋە قىستۇرما رەسىملىك <ئۇيۇن - تاماشا> قاتارلىق ژۇرناللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <ژۇرنال ئىمپېرىيىسى>نى قۇرغان. ھازىرقى زامان يېڭى ئاخبارات ژۇرنالچىلىقى ۋە گۇرۇھلار ئاخباراتچىلىقى ئوقۇمىنى ئاچقان ھالقىلىق شەخس سۈپىتىدە تونۇلغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.