Chinese→UyghurMain Dictionary
卢企茨基
دۇنيا تارىخى
لۇچىتسىكىي
(1845 - 1918) روسىيەلىك تارىخشۇناس. 1877 - يىلدىن باشلاپ كىيېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1907 - يىلىدىن باشلاپ پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. دەسلەپكى يىللاردا ئاساسەن ⅥⅩئەسىردىكى فرانسىيىدە بولغان دىنىي ئۇرۇشلارنى تەتقىق قىلىپ خۇگوئېنوت ئۇرۇشىنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سىياسىي ئەھمىيىتىنى ھەمدە فرانسىيىدە دىنىي نىقاب ئاستىدا قانات يايغان كەسكىن سىنىپىي توقۇنۇشلارنى يېشىپ بېرىشكە تىرىشقان ھەمدە شۇ دەۋردىكى دېقانلار ھەرىكىتىگە دىققەت قىلغان. كېيىن فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى دېھقانلار مەسىلىسى ۋە يەر مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەن. كارېيېۋ، كوۋالېۋىسكىيلار بىلەن بىللە فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي تارىخىي تەتقىقاتىدا رۇسچىلار ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. <سانت بار تولومېۋۇ كېچىلىك قىرغىنچىلىقىتىن كېيىنكى ئۈگىنۇچى ئاقسۆڭەكلەر ۋە جەنۇب بۇرژۇئازىيىسى>، <كاتولىك ئىتتىپاقى ۋە فرانسىيە كالۋىنچى مۇرىتلىرى>، <ئىنقىلابتىن ئىلگىرىكى فرانسىيە (ئاساسەن لىمۇزېن رايونى) دېھقانلىرىنىڭ يەر ئىگىلەش ئەھۋالى>، <ئىنقىلابتىن ئىلگىرىكى فرانسىيە يېزا ئىگىلىكىدىكى سىنپلارنىڭ ئەھۋالى ۋە 1789 - 1793 - يىللاردىكى يەر ئسلاھاتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.