Chinese→UyghurMain Dictionary
洛韦耳
دۇنيا تارىخى
لوۋېل
(1855 - 1916) ئامېرىكىلىق ئاسترونوم. بوستوندا تۇغۇلغان. 1876 - يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1883 - 1893 - يىللىرى ياپونىيە، چاۋشيەندە خىزمەت قىلغان. كېيىن ئاسترنومىيە ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 1894 - يىلى ئارىزونا شتاتىنىڭ فلاگىستاف دېگەن يېرىدە لوۋېل رەسەتخانىسىنى قۇرغان. 1902 - يىلى موزېل تەبىئىي پەن سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدە ئاسترونومىيە ئىلمىي بويىچە پروفېسسور بولغان. ئۇران ئوربېتىسىنىڭ پەرقى ھېساباتىغا ئاساسەن، نېپتوننىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئالدىن بىلگەن ھەمدە مارستا ئادەم ۋە قانال بار دەپ ھېسابلىغان. <يىراق شەرق روھى>، <مارس ۋە ئۇنىڭدىكى قاناللار>، <مارستا ماكانلىشىشقا بولامدۇ؟>، <تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىشى> قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.