Chinese→UyghurMain Dictionary
洛林王国
دۇنيا تارىخى
لوررىن خانلىقى
ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋۇرپادا ئۆتكەن خانلىق. ئۇنىڭ زېمىنى فرانكلار خانلىقى بىلەن چارلېس ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادى 843 - يىلى ئىمزالانغان <ۋېردون شەرتنامىسى> غا ئاساسەن، لوتايرې Ⅰ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا خانلىققا ئايرىپ بېرىلگەن. 855 - يىلى لوتايرې Ⅰ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئوتتۇرا خانلىقنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈۋەتكەن. ئىككىنچ ئوغلى لوتايرې Ⅱ (825 - 869) مائاس دەرياسى ميۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ بىلەن موسېل دەرياسى ۋادىسىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇپ، لوررىن خانلىقىنى قۇرغان. 870 - يىلى غەربىي فرانكلار كورۇلى چارلېس (تاز) بىلەن شەرقىي فرانكلار كورۇلى ليودۋىگ (گېرمان) <مېرسېن شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، لوررىننى بۆلۈشۈۋالغان. لوررىن خانلىقى 895 - 900 - يىللىرى بىر مەزگىل ئەسلىگە كەلگەن. 911 - يىلى غەربىي فرانك خانلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 925 - يىلى گېرمانىيە خانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 959 - يىلى يۇقىرى لوررىن كىنەزلىكى ۋە تۆۋەنكى لوررىن كىنەزلىكىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.