Chinese→UyghurMain Dictionary
卢蒙巴
دۇنيا تارىخى
لۇمۇمبا
(1925 - 1961) كونگو (لېئوپولدۋىل، بۈگۈنكى زايىر) مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. كاساي ئۆلكىسىدىكى باتېتلا مىللىتىدىن. 13 يېشىدا چېركاۋ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، پوچتا خادىمى بولغان. 1955 - يىلى شەرق ئۆلكىسى پوچتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. 1958 - يىلى كونگو مىللىي ھەرىكەت پارتىيىسىنى قۇرۇپ، دەرھال مۇستەقىللىكنى جاكارلاپ. دېموكراتىك، مۇستەقىل ۋە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى 1 - قېتىملىق ئافرىقىلىقلار خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، قۇرۇلتاي ئومۇمىي ئىشلار كومىتېتى ئەزالىقىغا سايلانغان. 1959 - يىلى لېئوپولدۋىل بېلگىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1960 - يىل 6 - ئايدا كونگو جۇھمۇرىيىتى مۇستەقىل بولغاندا، زۇڭلى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. جاھانگىرلار ۋە ب د ت قوشۇنىنىڭ كونگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرغان. چومبې قاتارلىق مىللىي بۆلگۈنچىلەر گورۇھىغا قارشى تۇرغان. جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. شۇ يىلى 9 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ پىلانلىشى بىلەن زۇڭتۇڭ كاساۋۇبۇ تەرىپىدىن ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن يەنە ب د ت قوشۇنى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان. 1961 - يىلى 1 - ئايدا كاتانگادا چومبې گۇرۇھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.