Chinese→UyghurMain Dictionary
卢金
دۇنيا تارىخى
لۇكىن
(1885 - 1940) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1909 - يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1915 - يىلدىن باشلاپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1918 - يىلدىن باشلاپ يەنە مائارىپ ساھەسىگە قايتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى، باش شتاب ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قىزىل پروفېسسورلار ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1925 - يىلى <ماركسچى تارىخشۇناسلار جەمئىيىتى> نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1929 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1932- 1936 - يىلى كوممۇنىستىك ئاكادېمىيە تارىخ تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1936 - 1938 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1936 - 1938 - يىلى <ماركسچى تارىخشۇناس> ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلبىي تارىخى بىلەن پارىژ كوممۇنىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <م روبېسپېر>، <1871 - يىلدىكى پارىژ كوممۇنىسى>، <غەربىي ياۋرۇپا ھازىرقى زامان تارىخى>، <گېرمانىيە ھازىرقى زامان تارىخى (1890 - 1914)> ۋە <لۇكىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما> قاتارلىقلار بار.