Chinese→UyghurMain Dictionary
卢巴王国
دۇنيا تارىخى
لۇبا پادىشاھلىقى
ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى دۆلەت (بۈگۈنكى زايىردا). تەخمىنەن مىلادى Ⅷ ئەسىرلەردىلا مەۋجۇت بولغان. ⅥⅩ ئەسىردە كونگولو لومامى دەرياسى بويىدا دۆلەت قۇرغان. ئىلوئانگا مىبىلى تەختتىكى ۋاقتىدا بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى غەربتە بۇرچىماي دەرياسىغىچە، شەرقتە لۇۋونا دەرياسىغىچە كېڭەيگەن. ئىگىلىكى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مىس پارچىلىرىنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. پىل چىشى، مېتال ۋە قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ⅨⅩ ئەسىرگە كەلگەندە زەئىپلىشىشكە باشلاپ، پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا قىرغىنچلىقى تۈپەيلىدىن بىرنەچچە ئۇششاق ئېمراتقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. كېيىن بېلگىيە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.