Chinese→UyghurMain Dictionary
卵裂
بىئولوگىيە
تۇخۇم بۆلۈنۈش
ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە تەكرار بۆلۈنۈپ بەلگىلىك مىقداردىكى بۆلۈنگەن شارچىلارنى شەكىللەندۈرۈش جەريانى. تۇخۇم بۆلۈنۈشنىڭ نەتىجىسى كۆپ ھۈجەيرىلىك تۆرەلمە تېنىنىڭ (ئۈجمىسىمان تۆرەلمە دەۋرى) شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۆلۈنگەن شارچە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۇخۇمغا قارىغاندا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، مەسىلەن، يادرو ماددىسىنىڭ نىسبىتى، خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ تەدرىجىي دىففېرېنسىيىلىنىشى قاتارلىقلار. ھايۋان تۇخۇم ھۈجەيرىسى تەركىبىدىكى تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ۋە تارقىلىشى ئوخشىمىغانلىقتىن تۇخۇم بۆلۈنۈش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكىدەك بۆلۈشكە بولىدۇ؛ (1) مۇكەممەل تۇخۇم بۆلۈنۈش - مەسىلەن، سېرىقى ئاز تۇخۇم ۋە سېرىقى تەكشى تۇخۇم، تۇخۇم بۆلۈنگەن چاغدا پۈتۈن تۇخۇم، تۇخۇم بۆلۈنۈش يۈزىدىن ئايرىلىدۇ. بالا ھۈجەيرىنىڭ (بۆلۈنگەن شارچە) چوڭلۇقىنىڭ تەڭ ياكى تەڭ ئەمەسلىكىگە قاراپ يەنە تەڭ تۇخۇم بۆلۈنۈش (مەسىلەن، زىخچە بېلىق، ئېمىتكۈچىلەر قاتارلىقلارنىڭ تۇخۇم بۆلۈنۈشى) ۋە تەڭ بولمىغان تۇخۇم بۆلۈنۈش (مەسىلەن، يۇمىلاق ئېغىزلىقلار، قوش ماكانلىقلار قاتارلىقلارنىڭ تۇخۇم بۆلۈنۈشى) دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. (2) مۇكەممەل بولمىغان بۆلۈنۈش - تۇخۇم بۆلۈنۈش پەقەت تۇخۇم سېرىقى بولمىغان قىسىم بىلەنلا چەكلىنىدۇ، تۇخۇم سېرىقى تولۇپ تۇرغان قىسمى پۈتۈنلەي بۆلۈنمەيدۇ، بۇنداق تۇخۇم بۆلۈنۈش يەنە تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ؛ ① تەخسىسىمان تۇخۇم بۆلۈنۈش. تۇخۇم سېرىقى ئۆسۈملۈك قۇتۇپىغا (يان سېرىقلىق تۇخۇم) مەركەزلىشىدۇ، تۇخۇم بۆلۈنۈشى پەقەت پروتوپلازمىسى بولغان قىسمىنىڭ ھايۋان قۇتۇپىدا ئېلىپ بېرىلىپ، تەخسىسىمان بالا ھەمراھى ھاسىل قىلىدۇ (مەسىلەن، باش پۇتلۇقلار، سۆڭەكلىك بېلىقلار، قۇشلار، يەر باغىرلىغۇچىلار قاتارلىق). ② يۈزە تۇخۇم بۆلۈنۈش. تۇخۇم سېرىقى تۇخۇمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا مەركەزلىشىدۇ (سېرىقى ئوتتۇرىغا مەركەزلەشكەن تۇخۇم)، تۇخۇم بۆلۈنۈش تۇخۇم ئوتتۇرىسىدىكى تۇخۇم يادورسىدىن باشلىنىدۇ، كېيىن تۇخۇمنىڭ سىرتقى يۈزىگە يۆتكىلىپ تۇخۇمنىڭ يۈزىدە داۋاملىق بۆلۈنىدۇ (مەسىلەن، ھاشاراتلار).
ئادەم ئاناتومىيىسى
luǎn liè
تۇخۇمنىڭ بۆلۈنۈشىDئۇنىۋېرسال
luǎn liè
تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ يېرىلىشى