Chinese→UyghurMain Dictionary
卢 - 特高平协定
دۇنيا تارىخى
رۇت - تاكاھىرا كېلىشىمى
8190-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇت (1845 - 1937) بىلەن ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاكاھىرا كوگورو (1854 - 1926) ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئالماشتۇرۇلغان ھۈججىتى. ئىككى تەرەپ تېچ ئوكياندىكى سودا - سېتقنىڭ ئەركىن بولۇشىنى ۋە تىنچ راۋاجلىنىشىنى تەكىتلىگەن، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ساقلاشنى ۋە يىراق شەرقتىكى ئىككى دۆلەت تىزگىنلەپ تۇرغان زېمىنلارغا ئۆزئارا ھۈرمەت قىلىشنى تەكىتلىگەن. كېلىشىمنىڭ ماھىيىتى، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىك ئورنىنى، ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىمتىيازىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يىراق شەرقتىكى زىددىيىتى ۋاقتىنچە پەسەيگەن.