Uyghur←ChineseMain Dictionary
لىسېنكو
Domain: دۇنيا تارىخى李森科
lǐ sēn kē
(1898 - 1976) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئاگرانوم. ئوكرائىنادا بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1925 - يىلى كېيۋ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن. 1935 - يىلى ئودىسسا ئۆسۈملۈك ئىرسىيەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1938 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى لېنىن يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1956 - يىلى ۋەزىپىسىدىن قالغان. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ باسقۇچلۇق يېتىلىش نەزەرىيىسى، كۈزگى بۇغداينى يازغى بۇدايغا ئايلاندۇرۇشتا خۇسۇسىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىرسىيەت نەزەرىيىسى، بىر خىل تۈرنىڭ يەنە بىر خىل تۈرگە قاراپ سەكرەشتىكى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ نۇقتىئىنەزەرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى <مىچۇرىن ئىرسىيەتشۇناسلىقى> دەپ ئاتىغان؛ گېن نەزەرىيىسىنى <ئەكسىيەتچىل>، ئىدېئالىستىك نەزەرىيە قىلىپ قويۇپ، مورگان ئېقىمىنى چەتكە قاققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىلمىي ماقالىلىرى <دېھقانچىلىق بىئولوگىيىسى> ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.