Uyghur←ChineseMain Dictionary
لوئېب
Domain: دۇنيا تارىخى吕勃
lǚ bó
(1859-1924) ئامېرىكىلىق بىئولوگىيە ئالىمى، يېقىنقى زامان تەجرىبە بىئولوگىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ەېرمانىيىدە تۇغۇلغان. بېرلىن، ميۇنىېن،ستراسبۇرگ قاتارلىق جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان.1892-1902-يىللىرى چىكاگو ئونۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. 1902-1910-يىللىرى كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىئولوگىيە پروفېسورى بولغان. 1910-1924-يىللىرى روكېفېللېر مېدىتسىنا تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. گېرمانىيە فىزىئولوگى ساكىسنىڭ خىزمىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مۇرەككەپ ھاياتلىق ھادسلىرىنى ئاددىي فىزىكلىق،خىمىيىلىك قانۇنلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك قوزغىتىش ھايۋاناتلارنىڭ تەبىي ھەركىتىنى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى؛ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆلۈپ كەتمىگەن ئىسپېرمىنىڭ ئاتىلىنىش رولىنى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلىغان. ئاددىي خىمىيىلىك قوزغىتىش ئارقىلىق دېڭىز كىرپىسى تۇخۇمىنى يىتىلدۈرۈپ، بۇنىڭ بىلەن سۈنئىي يەككە جىنىسلىق كۆپىيىشنى كەشىپ قىلغان. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن <ھايات مېخانىزمى>،<قايتا تۇغۇلۇش > قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.