UyghurMain Dictionary
لورېنسومېدىچى
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1449 - 1492) فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىرانى (1469 - 1492) مېدىچى جەمەتنىڭ ۋەكىلى. لەقىمى <سۆلەتۋاز> 1469 - يىلى ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنى ئىدارە قىلغان. 1478 - يىلى ئىنىسى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، فلورېنسىيەنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، فلورېنسىيەنىڭ سودا - سانائىتى تەرەققىي قىلىپ، مېدېچى جەمەتىنىڭ بانكا مۇئەسسەسەلىرى ئىتالىيە ۋە ياۋرۇپادىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئومۇميۈزلۈك تارقالغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېرورلۇق ۋاسىتىس بىلەن خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. ئەدەبىيات - سەنئەتنى رىغبەتلەندۈرۈپ، مىكېلئانجىلو قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتچىلەرنى يىغقان، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شېئىر يېزىشقا ئۇستا بولۇپ، بىرقانچە شېئىرلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. فلورېنسىيە ئىتالىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داڭلىق شەھىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئوغلى گىئوۋاننى مېدىچى (1475 - 1521) پاپالىققا سايلىنىپ، لېيۋ Ⅹ دەپ ئاتالغان.